2009年2月5日星期四

بىر مۇدىرنىڭ بۇيرۇقى

يالقۇن قارى

توخـــتۇتۇڭلار دەرىســــــنى ئوينىغىلى بارىمىز ،
پۇخـــتا بولسۇن تەييارلىق يەنە كەچلەپ قالىمىز ،
بىر چىـقــقۇدەك خۇمادىن ئۇسۇل- تانسا سالىمىز ،
سالغان چاغــدا يېقىنراق بولسۇن بىزنىڭ ئارىمىز.

ئۆتۈپ كەتتۇق تۈنۈگۈن تەكشۈرۈشتىن ساپمۇ- ساق ،
بېشىمىزدا بار يەنە «ياخشى» دېگەن بىر قالپاق ،
ئەمدى بىزدىن چىقمايدۇ قورۇقــقىدەك چوڭ چاتاق ،
چاتاق چىقـــــسا بار يەنە بانا- سەۋەپ ، چارىمىز.

«ئەۋلاد بەختى ئۈچۈن» دەپ جاننى سېلىپ بېرەمدۇق ،
زادى ئويۇن- كۈلكىگە قانـــماي ئۆلۈپ كېتەمـــدۇق ،
ھېيت ئويــــنىسا باشـــــقىلار روزا تۇتۇپ يۈرەمدۇق ،
ئويــــــنىغىلى ئەمـــــــدى بىز روزىمىزنى بۇزىمىز .

«ئەپەندى خەق» دەپ بىزنى ھېچكىم كۆزگە ئىلمايدۇ ،
مائارىپــنى قوللاپ ھەم ئوبــدان ياردەم قىلــــــمايدۇ ،
كۆڭــــلىمىزنى ئۇتـــقىلى بىرەر قوغۇن تىلــمايـــــدۇ ،
ئۆر كۆڭۈلـــــنى ئۆزىمىز خۇشــــــــال قىلىپ كۈلىمىز ،

ئۆمۈر بويى ئۆتــــــــمەيلى قاراپ پۇلنىڭ كۆزىگە ،
تاشلاپ بەرسە يېمەيـــــتـدۇ ھۇلاپ تۇرغان بۆرىگە ،
ھېچــــــكىم ئېلىپ كېتەلمەس قاتلاپ ئۇنى گۆرىگە ،
سېلىپ پۇلــــــنى يانچۇققا ھايات پەيزى سۈرىمىز.

دەرىس قالــــــــسا بىر كۈنى تولۇقـلىساق بولىدۇ ،
شۇ سەۋەپلىك ۋاي كىمـــــــلەر چالا ساۋات قالىدۇ ،
بۇ ھېسابـــــــنى ھە دېگىن كىملەر بىزدىن ئالىدۇ ،
قاچانــــــــغىچە قورۇقۇپ مولــلا بوزەك بولىمىز .

قويۇپ بەرسەك پۈتۈنـــــلەي تىنجنمايدۇ بېشىمىز ،
بۇلغىنىدۇ ۋاقىتــــــــــسىز توپا چۈشۈپ ئېشىمىز،
مۇزاكىرگە سەپ تۇرسۇن بالىلارنى ئىشــــــچىمىز ،
ئىشــــقا سالـــساق ئەقىلــنى تېپىلىدۇ چارىمىز.

چىقـــــسا ئەگەر بىر يەردىن گېپىمىز ھەم ئويىمىز ،
يېنىمىزدىن زادىلا چىقىم بولــــــــــماس پۇلىمىز ،
ھېساباتــــــــــقا بىر كۈنى توغرىلاپــــلا قويىمىز ،
توخــتۇتۇڭــلار دەرىســــــنى ئوينىغىلى بارىمىز .

0 ئىنكاس: