2009年2月5日星期四

بىر مۇدىرنىڭ بۇيرۇقى

يالقۇن قارى

توخـــتۇتۇڭلار دەرىســــــنى ئوينىغىلى بارىمىز ،
پۇخـــتا بولسۇن تەييارلىق يەنە كەچلەپ قالىمىز ،
بىر چىـقــقۇدەك خۇمادىن ئۇسۇل- تانسا سالىمىز ،
سالغان چاغــدا يېقىنراق بولسۇن بىزنىڭ ئارىمىز.

ئۆتۈپ كەتتۇق تۈنۈگۈن تەكشۈرۈشتىن ساپمۇ- ساق ،
بېشىمىزدا بار يەنە «ياخشى» دېگەن بىر قالپاق ،
ئەمدى بىزدىن چىقمايدۇ قورۇقــقىدەك چوڭ چاتاق ،
چاتاق چىقـــــسا بار يەنە بانا- سەۋەپ ، چارىمىز.

«ئەۋلاد بەختى ئۈچۈن» دەپ جاننى سېلىپ بېرەمدۇق ،
زادى ئويۇن- كۈلكىگە قانـــماي ئۆلۈپ كېتەمـــدۇق ،
ھېيت ئويــــنىسا باشـــــقىلار روزا تۇتۇپ يۈرەمدۇق ،
ئويــــــنىغىلى ئەمـــــــدى بىز روزىمىزنى بۇزىمىز .

«ئەپەندى خەق» دەپ بىزنى ھېچكىم كۆزگە ئىلمايدۇ ،
مائارىپــنى قوللاپ ھەم ئوبــدان ياردەم قىلــــــمايدۇ ،
كۆڭــــلىمىزنى ئۇتـــقىلى بىرەر قوغۇن تىلــمايـــــدۇ ،
ئۆر كۆڭۈلـــــنى ئۆزىمىز خۇشــــــــال قىلىپ كۈلىمىز ،

ئۆمۈر بويى ئۆتــــــــمەيلى قاراپ پۇلنىڭ كۆزىگە ،
تاشلاپ بەرسە يېمەيـــــتـدۇ ھۇلاپ تۇرغان بۆرىگە ،
ھېچــــــكىم ئېلىپ كېتەلمەس قاتلاپ ئۇنى گۆرىگە ،
سېلىپ پۇلــــــنى يانچۇققا ھايات پەيزى سۈرىمىز.

دەرىس قالــــــــسا بىر كۈنى تولۇقـلىساق بولىدۇ ،
شۇ سەۋەپلىك ۋاي كىمـــــــلەر چالا ساۋات قالىدۇ ،
بۇ ھېسابـــــــنى ھە دېگىن كىملەر بىزدىن ئالىدۇ ،
قاچانــــــــغىچە قورۇقۇپ مولــلا بوزەك بولىمىز .

قويۇپ بەرسەك پۈتۈنـــــلەي تىنجنمايدۇ بېشىمىز ،
بۇلغىنىدۇ ۋاقىتــــــــــسىز توپا چۈشۈپ ئېشىمىز،
مۇزاكىرگە سەپ تۇرسۇن بالىلارنى ئىشــــــچىمىز ،
ئىشــــقا سالـــساق ئەقىلــنى تېپىلىدۇ چارىمىز.

چىقـــــسا ئەگەر بىر يەردىن گېپىمىز ھەم ئويىمىز ،
يېنىمىزدىن زادىلا چىقىم بولــــــــــماس پۇلىمىز ،
ھېساباتــــــــــقا بىر كۈنى توغرىلاپــــلا قويىمىز ،
توخــتۇتۇڭــلار دەرىســــــنى ئوينىغىلى بارىمىز .
تولۇق ئوقۇش

ئىسمايىل نېمىشقا «قۇرۇق شەھەر» گە كىرمەيدۇ؟

يىجوڭتىيەن 易中天
بەزى چاغلاردا بالىلارنىڭ ھېسسىي تۇيغۇسىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. كۆپىنچە چوڭلار توغرا قارىغان ئىشلار بالىلارغا غەلىتە تۇيۇلىدۇ. ئۆزەمنى مىسال ئالساق، كېچىكىمدە چوڭلار جۇگېلىياڭنىڭ «قۇرۇق شەھەر ھىيلىسى» توغىرسىدىكى ھېكايىسىنى ئېيتىپ بەرگەندە مەن ئىچىمدە ئەجەبلەنگەن: نېمىشقا ئەقىلغا كامالەتكە يەتكەن ئىسمايىل جۇگېلىياڭنىڭ قۇرۇق شەھەر ھىيلىسىگە ئالدىنىپ قالغاندۇ؟ ئەجەبا ئۇ راستىنلا شۇنداق ئاخماقمىدۇ؟
چوڭ بولۇشقا ئەگىشىپ ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسەنى ئوقۇدۇم، بىراق بۇ سوئال كاللامدىن پەقەتلا چىقمىدى.
قارىماققا ئىسمايىلنىڭ ئەسكەر چېكىندۈرۈشىنىڭ سەۋەبىنى ئۇنىڭ گۇمانخورلۇقىغىلا ئارتىپ قويۇشقا بولمايتتى. ئۇنداق چۈشەنچە بېرىلسە بەك ئالدىراقسانلىق قىلغانلىق بولۇپ، تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيتتى. شۇ ئەمەسمۇ، ئەقىلدە كامالەتكە يەتكەن كىشى ئازراق ئويلاپ باقسىلا، مەسلەن، بىر ئەترەت ئەسكەرنى كىرگۈزۈپ سىناپ باقسىلا ياكى پۈتۈن ئەسكەرلەرنى ئىشقا سېلىپ ئالدى بىلەن شەھەرنى قورشاۋغا ئالسىلا ئىش پۈتمىدىمۇ(ئەينى چاغدا ئىسمايىلنىڭ قولىدا150مىڭ كىشلىك قوشۇنى بار بولۇپ، شۇ مەملىكىتى قاتتىق يېڭىلىپ ھېچقانداق قارشى تۇرغۇدەك ماجالى قالمىغان چاغ ئىدى.)؟ قېنى شۇ چاغدا جۇگېلىياڭنىڭ زادى قانچىلىك چالالايدىغانلىقى بىر كۆرۈپ باقمىغۇلۇقمۇ؟
ئىسمايىلنىڭ قۇرۇق شەھەر ئالدىدىكى بۇ نورمالسىز ھەركىتىنى بىز قۇرۇق شەھەرنىڭ سىرتىدىكى چوڭ بوشلۇقتىنلا جاۋابىنى تاپالايمىز.
بىزنىڭ تەكشۈرىشىمىزگە ئاساسلانغاندا، ئىسمايىلنىڭ كەسپىي جەھەتتە باسقان يولى ئانچە راۋان بولمىغان، دائىم چوڭ ئۆزگىرىشلەرگە ، ھەتتا خەۋپ خەتەرگە دۇچ كېلىپ تۇرغان. ئۇ دائىم باشقىلارنىڭ ھەسەت قىلىشىغا ئۇچىرغاچقا، سىياسىي رەقىبلىرى كۆپ بولغان، ئىش قىلغاندا دائىم كۆپ تەرەپلىمە توسقۇنلۇقلارغا ئۇچراپ تۇرغان. ساۋساۋنىڭ ۋاقتىدا ئىسمايىلغا نىسپەتەن ناھايتى پەخەس قىلاتتى. ئۇ ئىلگىرى خۇايۈنگە:«ئىسمايىل بۆرىگە تىكىلىپ تۇرغان بۈركۈت، ئۇنىڭغا ھەربىي ھوقۇق تۇتقازغىلى بولمايدۇ، ھامان دۆلەتنىڭ بېشىغا چىقىدۇ.» دېگەن. ساۋپېي ھوقۇقتا ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئىسمايىل بىر مەزگىل ئەتىۋارلاپ ئىشىلتىلگەن، ئەمىلى ئۆسۈپ ئاتلىق قوشۇنغا سەركەردە بولغان. ساۋرۇينىڭ ۋاقتىغا كەلگەندە بولسا، ئىسمايىلنىڭ قوشۇنلىرى جۇگېلىياڭنىڭ قوشۇنلىرى بىلەن تىغمۇ-تىغ جەڭ قىلغان ۋە جۇگېلىياڭنىڭ كۆزىگە قادالغان مىخ بوپقالغان. نەچچە قېتىملىق ئۇرۇشتا جۇگېلىياڭ ئىسمايىلنىڭ قوشۇنىنىڭ تەمىنى تېتىغان. بىراق جۇڭگولۇقلارنىڭ بىر «ئەقىللىقلىقى» بولسا، ئۇرۇش قىلىشتا بولسۇن، رىقابەتلىشىشتە بولسۇن «ئەمىلىي ئىقتىدار»غا تايىنىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ. جۇگېلىياڭنى مىسالغا ئالساق، ئۇ ئاخىرى ئىسمايىل بىلەن تىغمۇ-تىغ ئېلىشىشنى خالىمىدى. جۇگېلىياڭ ھەر قېتىم كۈچلۈك رەقىبكە دۇچكەلگەندە، ھىيلە-مېكىر ئىشىلتىشنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدۇ. شۇنداق ئەمەسمۇ، ئۇ ساۋرۇينىڭ ئىسمايىلغا بولغان گۇمانىدىن پايدىلنىپ، ئازىراقلا پەم ئىشىلتىپ قويۇۋىدى، ئىسمايىل سەركەردە دەرھاللا موللاق ئاتتى.
جۇگېلىياڭنىڭ ئىشلەتكەن ھىيلىسى «ئىشپىيونلۇققا تاقابىل تۇرۇش» ھىيلىسى بولۇپ، ئۇ ئادەم ئەۋەتىپ لوياڭ ئەتراپىدا ئىسمايىل ئوردىغا قارشى چىقماقچى بولۇۋېتىپتۇ دەپ گەپ تارقاتقان، ھەم تەرەپ - تەرەپكە ئىسمايىلنىڭ نامىدا پادىشاھنىڭ بىكار قىلىنغانلىقى توغىرلىق ئېلان چاپلاتقۇزغان. ساۋرۇي بۇنىڭ راستلىقىغا ئىشەنگەن، ئىسمايىلنىڭ ئوردىدىكى ھەمراھلىرى بولسا، جۇڭگولۇقلارنىڭ بۇنداق ئەھۋاللاردىكى ئادەتتىكى پوزىتسىيسى بويىچە سۇنىڭ ئېقىشىغا قاراپ ئىش تۇتۇپ، ئۇنىڭ ھالاك بولۇشىنى تېزلەشتۈرگەن. ھەقىقىي ئۇنىڭ ئۈچۈن گەپ قىلدىغانلار ئىنتايىن ئاز چىققان. پەقەت ساۋجىنلا ئىسمايىل ئاسانلىقچە تېپىلمايدىغان قابىليەت ئىگىسى دەپ ئۇنىڭ بىر قوشۇق قېنىنى تىلىگەچكە ئاندىن ئامان قالغان. ئەلۋەتتە ئەمىلىدىن ئايرىلىپ ئۆيىگە قايتىپ يەر تېرىشقا مەجبۇر بولغان.
ئىشلار ئۆزگىرىپ جۇگېلىياڭ ۋېي سۇلالىسىگە جازا يۈرۈشى قىلغان، ساۋ قوشۇنى قايتا-قايتا مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ، جۇگېلىياڭغا تەڭ كەلگۈدەك بىرەرى چىقمىغان. ۋېي سۇلالىسى زاۋاللىققا يۈز تۇتقان.
ئىشلار موشۇ دەرىجىگە كەلگەندە، دۆلەت دۇچكەلگەن بۇ خەۋپ بەزى كىشىلەر ئۈچۈن تېپىلمايدىغان ياخشى پۇرسەت بولۇپ قالغان. قارىماققا كۈلكىلىك تۇيۇلغان بۇ ئىش ئەمىليەتتە جۇڭگونىڭ ھەقىقىي تارىخى تەرىپىدىن قايتا - قايتا ئىسپاتلانغان ئىدى. ئىسمايىلنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈپ چىقىشى بۇنىڭغا ناھايتى ياخشى ئىسپات بولالايدۇ. ۋېي سۇلالىسى ئېغىر كۈلپەتكە دۇچ كەلگەن چاغدىلا، پادىشاھ ئاخىرى ئىسمايىلنى ئىشىلتىشنى قارار قىلدى. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىنى دېھقانچىلىق قىلىپ ئۆتكۈزۈشنى ئويلىغان ئىسمايىل، ۋېي سۇلالىسى خەۋپكە ئۇچىرغان چاغدىلا كومىدىيەلەرچە يەنە تەلىيى كەلدى.
ئىسمايىل قانداق ئادەم؟ ئۇ موشۇنداق چوڭ كۈلپەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن كىشى تۇرۇقلۇق ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ كۈنلەرگە ئېرىشەلىشىنى، ئۆزىنىڭ غەربنى تىنجىتقۇچى سەركەردە ئەمىلىگە ئېرىشەلىشىنى جۇگېلىياڭنىڭ تۆھپىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدىغانلىقىنى چۈشەنمەي قالامدۇ؟ پۈتۈن ئوردىغا يىغىلغان قابىللار ئارىسىدا پەقەت ئىسمايىللا جۇگېلىياڭ بىلەن تۇتۇشالايدۇ. جۇگېلىياڭ بىر كۈن ھايات بولسا، ئۇنىڭ بىر كۈن ئوردىغا كېرىكى بولىدۇ. سىياسىي رەقىبلىرى ئۇنى يەنە نېمە قىلالايدۇ. ئەگەر بىر كۈنى جۇگېلىياڭ بولمايلا قالسا...
قۇرۇق شەھەر ئىچىدە تېرە تاراقلىتىۋاتقان جۇگېلىياڭنىڭ ئەينى چاغدا ھېچقانچە كۈچى يوق بولۇپ، ئۇنى يوقىتىشنىڭ ناھايتى ياخشى پەيتى ھېسابلىناتتى. بىراق بېشى پىشقان، ئىشلارنى ئەتراپلىق ئويلايدىغان ئىسمايىل بۇ چاغدا نۇرغۇن ئۇرۇش مەيدانىدىن سىرت ئىشلارنى ئويلىمىسا بولمايتتى. مەسلەن، ۋېي سۇلالىسى شۇ سۇلالىسىنى يوقاتقاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ نەگە بېرىپ نەدە تۇرۇشى دېگەندەك. ئېنىقكى جۇگېلىياڭنى يوقاتقاندىن كېيىن ۋېي سۇلالىسىنىڭ چوڭ رەقىبى يوق بولاتتى. ۋېي سۇلالىسىنىڭ چوڭ خەۋپى بولمىسا، ئۆزىنىڭ قىممىتىمۇ بولمايتتى. شۇنىڭ بىلەن ئوردا ئىچى سىياسىي كۈچلەر تەرىپىدىن ناھايتى ئاسانلا سىقىپ چىقىرىلىش ئېھتىماللىقى بولاتتى.
جۇڭگونىڭ ئىشلىرى دائىم موشۇنداق، نۇرغۇن ئىشلارنىڭ ئەمىلىلەشمەسلىكىنىڭ سەۋەبى ئەمىليەتتە ئاشۇ كىشىنىڭ ھەر تەرەپتىن ئۆز مەنپەئەتى توغىرلىق ئويلىشىپ، قەستەن پۇتلىكاشاڭ پەيدا قىلغانلىقىدىن ، قەستەن ئۇ ئىشلارنى يۈرگۈزمەسلىكىدىن بولغان. جۇڭگونىڭ قەدىمدىن تارتىپ كەلگەن ئەنئەنە ۋە ئەمىليىتىدە، ھەر خىل - ھەر ياڭزا ئىچكى توقۇنۇشلار بولغان، ھەم ئەزەلدىن بىر يوسۇن بولۇپ كەلگەن. ئىسمايىل بۇ ئىشلارغا قانداقمۇ پەرۋا قىلماي يۈرەلىسۇن؟ قۇرۇق شەھەرگە كىرمەسلىكنى قارار قىلىپ، جۇگېلىياڭنى قويۇۋەتكەنلىكى ئەمىليەتتە ئۆزىنىڭ ئىستىقبالىغا يول ئاچقانلىق بولماي نېمە؟ مېنىڭچە مانا بۇ ئىسمايىلنىڭ قۇرۇق شەھەرگە ھۇجۇم قىلماستىن جۇگېلىياڭنى قويۇۋەتكەنلىنىڭ باشقىلارغا ئېيتىشقا بولمايدىغان ھەقىقىي سەۋەبى. ئوردا ئىچىدىكى توقۇنۇشلاردا ئامان قېلىش ئۈچۈن، غەربنى تىنچىتقۇچى سەركەردە ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن چىقىرىلغان ھەر بىر قارار ئۈستىدە قايتا قايتا ئويلىنىش كېرەك ئىدى. چۈنكى مانا بۇ ئۇنىڭ ھەقىقىي «خىزمەت مۇھىتى ۋە كېلىپ چىقىشى» ئىدى. موشۇ مۇناسىۋەتلەر تۈپەيلى ئىسمايىل قۇرۇق شەھەر ئالدىغا كېلىپ تۇرۇپمۇ، غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈپ بولغان تۇرۇقلۇق ئەسكەرلىرىگە چېكىنىش بۇيرۇقى چۈشۈردى.
«ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە»نى ئازراق ئوقۇغان كىشىلا بولسا، قۇرۇق شەھەر ھىيلىسىنى بىلمەي قالمايدۇ. بۇ نورمالسىز چىقىرىلغان قارار توغىرلىق ئەگەر ئازىراقلا ئويلانسا، نۇرغۇن مەسىلىلەرنى بايقىغىلى بولىدۇ. ئەگەر بۇ نۇرغۇن مەسىلىلەرنى بىر-بىرىگە باغلىسا، بۇ بىزنىڭ تەتقىق قىلىشقا چوڭقۇر قىزىقىشىمىزنى قوزغىيالايدۇ. تەتقىقاتىمىزنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، كۆزلىرىمىز كېچىككىنە «قۇرۇق شەھەر» دىن، قويۇق تۇمانلار ئارىسىدا قالغان جۇڭگونىڭ مەدىنيەت ئەنئەنىلىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ ۋە بۇ ئەنئەنىدىكى قاراڭغۇلۇق باسقان چوڭقۇر قاتلاملارنى چۈشەنگىلى بولىدۇ...
تولۇق ئوقۇش

تۈگەشمەيدۇ ئانا تىل

ئاپتۇر :كامىلجان ناسىر(دىلداش)

تۈگىمىسە مىللىتم،
تۈگەشمەيدۇ ئانا تىل.
قەدىرلىسە غۇرۇردا،
ياشاپ بارار تۈمەن يىل.

ئانا تىلدۇر مىللەتنىڭ،
ئىپتىىارى- غۇرۇرى.
شان-شەۋكىتى پەخىرلىك،
زور قىممىتى ھوزۇرى.

ئېزىزلىساق يۈرەكتىن،
قەدىرلىسەك ھۆرمەتتە.
تىلىمىزدىن ھەر قاچان،
چۈشۈرمىسەك پۇرسەتتە.

ئۇنۇتمىساق ۋىژداندىن،
ئەۋلاتلارغا ئۈگەتسەك.
ئەبجەش قىلسا ئەۋلاتلار،
نادانىلىق دەپ تۈزەتسەك

تۈگەشمەيدۇ تىلىمىز ،
قەدىرلىسەك ھەممىمىز.
ئانا تىلغا ھەقىقى،بولسا ئىخلاس ئىشقىمىز.
تولۇق ئوقۇش